ناخشا-مۇزىكىلىرىمنى قانداق قىلىمەن؟

سوئال:
مېنىڭ تور بېتىمدە ناخشا موزىكىلا بار. قانداق قىلىشىم كېرەك؟
جاۋاب:
ئۆزىڭىز بىلەرسىز. ئاللاھ تەئالا بۇ دۇنيادا ھەر كىشىگە ئەركىنلىك بەرگەن. بەزىلەر بۇ ئەركىنلىكى بىلەن ياخشىنى تاللايدۇ، بەزىلەر ياماننى تاللايدۇ. ھەر ئىككى گۇرۇھ قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ئۆز ھېسابىنى بېرىدۇ. سىز بۇ ئەركىنلىكىڭىز بىلەن قايسىسىنى تاللىغان بولسىڭىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھېسابىڭىز شۇنىڭغا قارىتا بولىدۇ.
بۇ سوئالىڭىز «مەن زىيانلىق بىر نەرسە يېگەن ئىدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سورالغان سوئالغا ئوخشايدىكەن. ئۇنداق سوئالغا بېرىلىدىغان جاۋاب:
«ئۇ زىيانلىق نەرسە ئىچىڭىزدە ھەزىم بولۇپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇنى دەرھال چىقىرىۋېتىڭ» دۇر!
سىزنىڭ بۇ سوئالنى سورىشىڭىز ئۇ زىيانلىق نەرسىنىڭ تېخى ئىچىڭىزدە ھەزىم بولۇپ كەتمىگەنلىكىنى، شەيتاننىڭ سىزنى تامامەن كونتىرول قىلىپ بولمىغانلىقىنى، شۇنداقلا دىلىڭىزنىڭ تولۇق قارىيىپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى سىزنى بەزى چاغلاردا بىئارام قىلىۋاتقىنى قەلبىڭىزدىكى قالدۇق ئىمان، دىلىڭىزدىكى ئازغىنە ۋىجدان، ئەقلىڭىزدىكى كىچىككىنە توغرا چۈشەنچىدۇر. بۇ يولدا مېڭىشقا داۋام قىلىۋەرسىڭىز، ئۇزۇنغا قالماي بۇلار تۈگەپ كېتىدۇ. ئىش ئۇ دەرىجىگە يەتكەندە سىز بۇ ئىشلىرىڭىزدىن تولۇق زوق ئېلىشقا باشلايسىز. خۇددى يىلان زەھىرىنى چېچىپ باشقا جانلىقلارغا زىيان يەتكۈزۈش بىلەن زوق ئالغاندەك.
ئەگەر بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ئۆمرىڭىزنى خالىق (ئاللاھ) نىڭ ئالدىدا «سالىھ بەندە»، مەخلۇق (خەلق) نىڭ ئالدىدا «ياخشى ئادەم» بولاپ ياشاي دېسىڭىز، كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى ئىنسانىي ۋە جىننىي شەيتانلارنىڭ «تۈكۈرۈك» لىرى بىلەن تولدۇرۇشقا تىرىشماي، ئىسلامنىڭ نۇرى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى يورۇتۇشقا تىرىشىڭ. نەپسىنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇش يولىدا بارلىقىنى مەبلەغ سېلىۋاتقانلارنىڭ قوشۇنىغا ئەمەس، نەپىس بىلەن شەيتانغا بويسۇنماي توغرا يولدا مېڭىۋاتقان كارۋانغا قوشۇلۇڭ!
دوزاخ يولىنىڭ چۆرىسىدىكى مەنزىرىلەر، يولنىڭ تۈزلۈكى ۋە بۇ يولنىڭ يولۇچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى سىزنى ئالدىمىسۇن. جەننەت يولىنىڭ مۇشەققەتلىرى، يولدىكى داۋانلار ۋە بۇ يولدا ئالدىڭىزغا چىقىدىغان ئىت-مۈشۈكلەر سىزنى ھاردۇرۇپ قويمىسۇن.
چىراغ ياندۇرۇلمىغان ئۆينى چاشقانلار بېسىۋالغاندەك، قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن يورۇتۇلمىغان قەلبلەرنى خۇراپاتلار قاپلىۋالىدۇ. ئىنساننىڭ دىلى ئاپئاق بىر كىيىم ياكى پاكىز بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ. ئۇ كىر بىلەن داغنى بەك تېز قوبۇل قىلىدۇ. تامامەن كىرلىشىپ بولغان قەلب سەتنى چىرايلىق، چىرايلىقنى سەت كۆرۈشكە باشلايدۇ. كېسەل ئادەم تاتلىقنى ئاچچىق دېگەندەك، مەنىۋى كېسەل ئادەممۇ توغرىنى خاتا، راستنى يالغان دەيدۇ. ئىش بۇ سەۋىيىگە يەتكەندە قەلب مۆھۈرلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. مانا بۇ چاغدا ئىنسان توغرا يولغا كېلەلمەيدۇ.
كاپىر توغرىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنگەن، لېكىن توغرىغا بويسۇنمىغان كىشىدۇر. مۇناپىق توغرىغا بويسۇنغان، لېكىن توغرىغا ئىشەنمىگەن كىشىدۇر. مۇئمىن توغرىغا ئىشەنگەن، مۇسۇلمان توغرىغا بويسۇنغان كىشىدۇر. ئاللاھنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن كىشى بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھاياتىنى ھەم مۇئمىن، ھەم مۇسۇلمان بولۇپ ئۆتكۈزگەن كىشىدۇر. دېمەك، ئىسلامسىز ئىماننىڭمۇ پايدىسى يوق، ئىمانسىز ئىسلامنىڭمۇ پايدىسى يوق.
قۇرئان بىكارغا نازىل قىلىنغان كىتاب ئەمەس، پەيغەمبەر بىكارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئەمەس. تارىخ بويىچە ئىسلام دائىرىسى ئىچىدە ياشىغان، قىينىلىپ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇغان، ئاچ ۋە ئۇسسۇز قېلىپ روزا تۇتقان، يامان ئىشلارنى كۈچى يەتمىگەنلىكتىن ئەمەس، ئاللاھ چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن قىلمىغان كىشىلەر ئەخمەق ئەمەس.
مۇئمىنلىق قۇرۇق ئارزۇ بىلەن ھاسىل بولمايدۇ. مۇسۇلمانلىق يىلدا ئىككى قېتىم ھېيت نامىزى، ھەپتىدە بىر قېتىم جۈمە نامىزى ئوقۇپ قويۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. جەننەت شېرىن خيال بىلەن ئەمەس، كەسكىن ئىمان  ۋە توغرا ئىسلام بىلەن قولغا كېلىدۇ.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>