100 مەشھۇر سەخىش 1- مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام

 

ئاپتور ؛ مېخائىل . خ . خارت 1. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام (مىلادىيە 570_ 632 ) مىنىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى دۇنيا تارىخىدىكى100 مەشھۇر كىشىنىڭ بىرىنجىسى قىلىپ تىزىشىمدىن نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ھەيران قىلىشى مۆمكىن ، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق قارشى بار ، ئلۋەتتە . لىكىن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام دۇنيا تارىخىدا دىن ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇش ساھەسىدە مۇتلەق مۇۋەپپىقىيەن قازانغان بىردىن بىر ئۇلۇغ شەخىس . تۆۋەن تەبىقىن كىلىپ چىققان مۇھەممەت ئەليھىسسالام دۇنيادىككى ئەڭ ئۇلۇغ دىنلارنىڭ بىرى _ بولغان ئىسلام دىنىنى تارقىتىپ ئەڭ كۈچلۈك سىياسى داھىغا ئايلاندى . ئۇ ئالەمدىن ئۆتۇپ 13 ئەسىردىن كىيىنكى بۈگۇنكى كۈندىمۇ ، ئۇنىڭ تەسىرى يەنىلا شۇنداق زور بڭلماقتا. مەن بۇكىتاپتا تاللاپ كىرگۈزگەن سەخىسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى مەدەنىيات مەركەزلىرىدە ، قۇيۇق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە دۆلەتلەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئ ئەمما مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام بۇنۇڭدىن مۇستەسنا ئىدى . ئۇ مىلادىيە 570 _ يىلى ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى قىسىمىدىكى مەككىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان . ئۇچاغلاردا بۇجاي سودا ، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن يىراق ، ئارقىدا قالغان رايۇن ئىدى . مۇھەممەت ئەلەيھىسسسالام 6 ياش ۋاقتىدا قارا يىتىم بۇلۇپ قالغان . ئۇ ناھايىتى جاپالىق شارا ئىتتا چوڭ بولغان ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، ئۇ ساۋاتسىز ئىكەن . 25 ياشقا كىرگەن يىلى بىر باي سودىگەردىن تۇل قالغان خەدىچە بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشىلانغان . 40 ياشقا كەلگەندە ھەرخىل بىشارەتلەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالانىڭ ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەنلىكىدىن نېرەك بەردى . ئەينى ۋاقىتتا . كۆپلىگەن ئەرەپلەر ئەنئەنىۋى قەبىلە ئىلاھلىرىغا ئىتىقات قىلاتتى ، لىكىن مەككىدە ئاز ساندىكى كىشىلەر يەھۇدى دىنى ۋە خىرىستىيان دىنىنىڭ مۇخلىسلىرى ئىدى . مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام 40 ياشقا كىرگەندە جىمى ئالەمنى ئىدارە قىلىدىغان ھەممىگە قادىر بىرلا ئاللاھنىڭ باركىقىنى چۇشەندى . 40 ياشقا كىرگەندە ئاللاھنىڭ ئۇنى بۇ دۇنياغا دىن تارقاتسۇن دەپ ، رۇسۇل قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىگە ھەقىقى ئىشەندى . مۇھەممەت ئەلەيھىسسدلام دەسلەپكى ئۈچ يىل ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە ئەل ئاغىنىلىرى ئارىسىدا ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلدق . مىلادىيە613_ يىلى ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىشنى ئاشكارا ئېلىپ باردى . شۇنداق قىلىپ ، بىر قىسىم كىشىلەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالانغا ئەگەشتى . مەككىدىكى قەبىلە ئاق سۆڭەكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆرلىرى ئۈچۇن بىرخىل تەھدىت دەپ قارىدى ، شۇڭا ئۇلار مۇسۇلمانلارغا ھەر جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى . مىلادىيە 622 _ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى مەككىدىن 200 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى مەدىنىگە مەجبۇرى كۆچۈپ كەتتى ھەمدە ئۇيەرنى دىنى ھاكىمىيەت ئاستىدىكى بىر دۆلەت قۇرۇشنى كۆڭلىگە پۇكتى ئىسلام دىنىدا بۇ تارىخى ۋەقە << ھىجرەت>> دەپ ئاتالدى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش ھىساپلىنىدۇ . مەككىدىكى چىغىدا ، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىكىرى ئاز ئىدى ، مەدىنىگە كەلگەندىن كىيىن تېز سۆرتتە كۆپەيدى ، ئىسلام دىنىنىڭ كۈچىمۇ تەرەققى قىلىپ يىتىلدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەر ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ، مەككىدىكى مۇشرىكلار بىلەن كۆپ قىتىم ئۇرۇش قىلدى . ئاخىرى مىلادىيە 630 _ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ ، مەككىگە كىردى ، مەككىدىكى مۇشرىكلار ئىسلام دىنىنى مەجبۇرى قوبۇل قىلدى ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاتتا نوپۇزىنى ئىتىراپ قىلدى . مۇھەممەد پەيغەمبەر ۋاپات بۇلۇش ئالدىدىكى ئىككى يىل ئىچىدە ، كۈر مىڭلىغان كىشىلەر ئىسلام ; دىنىغا بەيئەت قىلدى .632 _ يىلى پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندا ، پۇتكۈل ئەرەپ يېرىم ئارىلى ئومۇمەن بىرلىككە كىلىپ بولغان ئىدى . ئەرەپ يېرىم ئارىلىغا ئولتۇراقلاشقان بەدەۋەلەر باتۇر ھەم جەڭگە ماھىرلىقى بىلەن تۇنۇلغان خەلىق بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلار بۆلۈنۇپ كەتكەن ئىدى . شۇڭلاشقا ئۇلار شىمال تەرەپتىكى دېھقانچىلىق رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئەرەپلەرنىڭ رەقىبى بولالمايتتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇلارنىبىرلىككە كەلتۈرۈپ ، ئاللاھنىڭ بەرھەقلىكىگە ئىشەندۈردى ،شۇڭا سانى ئاز بولغان مۇسۇلمانلار قۇشۇنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارالىدى . ساسانىلار دەۋرىدىكى پىر سىيە ئىمپىرىيىسى ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ شىمال قىسىمىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، ئادەم سانى جەھەتتىن مۇسۇلمان قۇشۇنى ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيتتى . لېكىن مۇسۇلمان قوشۇنى جەڭلەردەكارامەت باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ، مېسوپوتامىيە ، سۈرىيە ۋە پەلەستىنلەرنى بېسىقتۇردى ، مىلادىيە642 _ يىلى مىسىرنى ۋىزانتىيە ئىمپىريىسىنىڭ ئىشخالىيىتىدىن ئازات قىلدى ھەمدە 637 _يىلىدىكى كادىسىيە ئۇرۇشى ۋە642 _ يىلىدىكى نىنىۋى ئۇرۇشلىرىدا پىرسىيە قۇشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى . بۇھالقىلىق غەلىبىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرى ھەم ۋارىسلىرى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر بىن خەتتاپتىن ئىبارەت ئىككى خەلىپە سەۋرىدە قولغا كەلتۇرۈلدى ، لېكىن ھەرگىزمۇ ئەرەپلەرنىڭ غازاتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىن دېرەك بەرمەيتتى . 711 _ يىلى ئەرەپ قوشۇنلىرى شىمالى ئافرىقىغا ھۇجۇم قىلىپ تاكى ئاتلانتىك ئوكيانغىچە بىسىپ كەلدى . كىيىن شىمالغا يۇرۇش قىلىپ ، جەبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتۇپ ئىسپانىيىنى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالدى . ئەھۋالدىن قارىغاندا ، ئىسلام قوشۇنلىرى پۇتكۈل خىرىستىئان دىنى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ياۋرۇپانى ئىگىلپ كىتىدىغاندەكلام تۇراتتى . بىراق 732 _ يىلى فىرانسىيىنىڭ مەركىزىگىچە بىسىپ كەلگەن مۇسۇلمان قۇشۇنلىرى تۇر ئۇرۇسىدا مەغلۇپ بولدى . شۇنداقتىمۇ بەدەۋىلەر ئۆز زىمىنىنى شەرىقتە ھىندىستان چىگرىسىدىن تارتىپ ، غەرىپتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە كىڭەيتتى .بۇھازىر غا قەدەر بولغان تارىختىكى ئەڭ زور ئىمپىرىيە ئىدى . ئىسلام قۇشۇنلىرى بارغانلىكى يىرىدە ئىسلام دىنىنى تارقاتتى. ناھايىتى روشەنكى 7 _ ئەسىردىكى ئەرەپلەرنىڭ << غازات>> ئۇرۇشى تاھازىرغىچە ئىنسانلار تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتەئىسلام دۇنياسىدا دىن بىلەن جەمىيەت ئوتتۇر سىدا شۇنداق زىچ باغلىنىشنىڭ بۇلۇشى مىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەسسىرى ئەڭ زور شەخىس ئىكەنلىكىگە چۇڭقۇر ئىشەندۇردى. مەنبە ؛دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 مەشھۇر شەخىس مەشھۇر سەخىسلەرنىڭ رەتتەرتىۋى.1. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 2. نيۇتون 3. ئىسا ئەلەيھىسسالام 4 . ساكيامونى 5. كۇڭزى 6. پائول 7. سەي لۇن 8 . گۇتېنبېرگ 9 . كولومبو 10 . ئېينىشتىيىن 11 . پاستېر 12 . گالىلى 13 . ئارىستوتىل 14 . ئېۋكلىد 15 . مۇسا ئەلەيھىسسالام 16 . دارۋىن 17 . چىن شىخۇاڭ 18 . ئاۋگۇست 19 . كوپىرنىك 20 . لاۋازېر 21 . ئىمپىراتور كونىستانتىن 22 . ۋات 23 .مىخائېل فارادىي 24 . ماكسۋېل 25 . ليۇتېر 26 . گىئورگى ۋاشىنگىتون 27 .كارل ماركىس 38 . ئاكا ئۇكا رايىتلار 29 . چىڭگىزخان 30 . ئادام سىمىت 31 . ئېدۋارد دې ۋېر (شېكىسپىر نامى بىلەن تېخىمۇ داڭلىق) 32 . جون دالتون 33 . ئىمپىراتور ئالىكساندىر 34 . ناپالىئون بوناپارت 35 . توماس ئىدىسون 36 . ئانتونى لېۋېنخوك 37 . ۋىليام مورتون 38 . ماركونى 39 . گىتلېر 40 . پلاتون 41 . كرومۋېل 42 . ئالىكساندېر بېل 43 . ئالىكساندېر فلمېنىگ 44 . لوك 45 . بىتخوۋىن 46 . ھېيزىنبېرگ 47 . لوئىس داگېر 48 . سىمون بولىۋار 49 . دېكارت 50 . مىكلانجىلو 51 . ئۇربان (2) 52 . ئۆمەر (1) 53 . ئاسوكا 54 . ئاۋگوستىن 55 . ۋىليام خارۋېي 56 . ئېرنېست رېزېر فرد 57 . جون كالۋىن 58 . مېندېل 59 . ماكىس پلانك 60 . لىستېر 61 . ئوتتو 62 . پىزاررو 63 . كورتېس 64 . تماس جېففېرسون 65 . ئىزابىللا (1) 66 . ستالىن 67 . كايزا 68 . ۋىليام (1) 69 . فرېيد 70 . ئىدۋارد جېننېر . 71 . رېنتگېن 72 باخ 73 . لاۋزى 74 . ۋولتايرې 75 كېپلېر 76 . فېرمى 77 . ئېتلېر 78 . رۇسسو 79 . ماكيا ۋېللى 80 . مالتوس 81 . جون كېننېدى 82 . پىنكۇس 83 . مانى 84 . لېنىن 85 . سۈي ۋېندى 86 . گاما 87 . ئىمپىراتور كىرۇس 88 . ئىمپىراتور پېتېر 89 . ماۋزىدۇڭ 90 . فىرانسىس باكون 91 . فورد 92 . مىڭزى 93 . زورو ئاستېر ^+[o + 94 . ئىلزابىت(1) 95 . گورباچيف 96 . مېنېس 97 . چارلېمان 98. گومىر 99 يۇستىنئان (1) 100 . ماخاۋىرا siz koriwatkan butemining asli manbasi ئۇيغۇر QQ مۇنبىرى http://bbs.uyghurqq.com,asli adersi:http://bbs.uyghurqq.com/read.php?tid=4011

This entry was posted in ئۇنىۋېرسال, مەشھۇرلار. Bookmark the permalink.

Comments are closed.